ترۇخانوف: ئودېسسا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئودېسسا شەھەر باشلىقى گېننادى ترۇخانوف، رۇسىيەنىڭ ئودېسسا شەھىرىگە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھۇجۇمىنى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2013677
ترۇخانوف: ئودېسسا ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترۇخانوف فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ يېرىم كېچىدە ھەر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن شەھەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ ھۇجۇملاردا بەزى ئۆيلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، بىرى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئەمما، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كېچە ئەڭ قورقۇنچلۇق كېچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىز ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان بۇ كۆلەمدىكى ھۇجۇمنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيمىز.»

ئۇكرائىنا يېزا ئىگىلىك سىياسىتى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى، رۇسىيەنىڭ ئودېسسا ۋە چورنومورسكى پورتىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، ئاشلىق كارىدورى ئارقىلىق يۆتكىلىشى پىلانلىنىۋاتقان 60 مىڭ توننا ئاشلىقنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىيمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق سودىسى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قەستەن زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، ئودېسسا شەھىرى ۋە كىروۋگراد رايونىدىكى ھەربىي بازىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر