ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە رۇسىيەنى ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىشقا چاقىردى

ئاقساراي رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختىتىتىشىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ناچارلاشتۇرۇپ، مىليونلىغان كىشىلەرگە زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2012630
ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە رۇسىيەنى ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، روسىيە تەرەپنىڭ بۇ قارارىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرگە زىيان سالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا موسكۋا بۇ قارارىدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىندى.

گېرمانىيەمۇ رۇسىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا چاقىردى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى ياردەمچىسى كرىستىيان خوفمان پايتەخت بېرلىندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەدىن قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشىنى ۋە مەۋجۇت ئىختىلاپنى نامراتلار بەدىلىگە يۈرگۈزمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ بۇ خىل كېلىشىملەرنىڭ قىسقا مۇددەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جەم ئۆزدەمىر مۇنداق دېدى: «ئاچارچىلىقنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. (رۇسىيە پىرېزىدېنتى) ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قورقۇنچلۇق ئۇرۇش پىلانى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ نامراتلار گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى.»

ئاۋىستىرىيەمۇ رۇسىيەنى دەرھال قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا چاقىردى.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئاشلىق قورال - ياراغ ئەمەس. رۇسىيەنى قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى  دەرھال ئۇزارتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دەرۋەقە بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئېھتىياجلىق كىشىلەر مىليونلاچە توننا ئاشلىق ۋە ئۇرۇق بىلەن تەمىنلىنىۋاتىدۇ.»

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرى قاندۇرۇلغان چاغدا رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر