ناتو: خىتاينىڭ 2035 - يىلىغىچە 1500 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

2010721
ناتو: خىتاينىڭ 2035 - يىلىغىچە 1500 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ناتونىڭ خىتاينىڭ 2035- يىلغىچە شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ھەممە يېرىگە يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا جەھەتتە، 1500 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، بولۇپمۇ ناتونىڭ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن كۆرۈشۈشلىرىدە خىتايغا قارشى كۈچلۈك ئۇچۇرلارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىخەتەرلىكنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئەمەس، يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز خىتاينىڭ 2035- يىلىغىچە شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ، يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەممە زېمىنلىرىغا يېتىپ بارالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا جەھەتتە 1500 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتىمىز. بىز خىتاينىڭ بىزگە قانچىلىك يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئافرىقا ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونى قاتارلىق نۇرغۇن جايلىرىغا بېرىپ، مۇھىم ئۇل- ئەسلىھەلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە تور بوشلۇقلىرىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ، ناتونىڭ ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىكلىرى ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن دېڭىز بىخەتەرلىكى ئۇچۇر بۇلغىنىشىغا قارشى كۈرەش ۋە تور ساھەسى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر