جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو پۈتۈشتى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەم تور مۇداپىئەسى قاتارلىق 11 ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

2010302
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇكول بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ناتو بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ  دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، تور مۇداپىئەسى، يادرو قوراللىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ھەمكارلىق دائىرىسىىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي كورېيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مانېۋىرلىرىغا قاتنىشىدىكەن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا مەسلىھەت كېڭىشى ئورنى تەسىس قىلىنىدىكەن. ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جەنۇبىي كورېيەنىڭ  ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم ئىكەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا سىياسىي ۋە ھەربىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن، ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە تور مۇداپىئەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنلىرىغا جەنۇبىي كورېيەمۇ قاتنىشىدىكەن.

باياناتتا،  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى جەنۇبىي كورېيەنى داۋاملىق قوللاشقا چاقىرىق قىلىنغان.

باياناتتا يەنە، ستولتېنبېرگنىڭ جەنۇبىي كورىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈچۈن مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ سېئۇل ھۆكۈمىتىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر