ئوربان: شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئوربان، دۆلىتىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە ھەم ناتو ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئالاقىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2008668
ئوربان: شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە پايتەختى ۋىيېننادا زىيارەتتە بولغان ئوربان مۇخبىرلارنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز بۇ مەسىلىدە ناتو باش كاتىپى (يېنس ستولتېنبېرگ) ۋە تۈركىيە بىلەن مۇنتىزم ئالاقىلىشىۋاتىمىز، بىز بىرەر ئىش قىلغاندا سۆھبەتلىشىمىز ۋە ۋېنگىرىيە قارارىنى كېچىكتۈرمەيدۇ» دېدى.

ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا ئىجابىي قارار چىقارغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوربان، بۇ قارارنىڭ تېخى پارلامېنت تەرىپىدىن ماقۇللانمىغانلىقىنى ئېيتتى.

  2022 - يىلى 18- ماي ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان شىۋېتسىيەنىڭ تەلىپى، تېررورچىلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر