ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆچمەنلەر ۋە پاناھلانغۇچىلار بەلگىلىمىسى مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى

پولشا بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى ئورتاق كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىنىش بەلگىلىمىسى توغرىسىدىكى تالاش- تارتىشنى ھەل قىلالمىدى.

2005742
ياۋروپا دۆلەتلىرى كۆچمەنلەر ۋە پاناھلانغۇچىلار بەلگىلىمىسى مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتنى قوبۇل قىلالمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن  ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا كۆپ سانلىق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان «ئىتتىپاقلىق مېخانىزمى»نىڭ كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر بىر دۆلەتكە مەجبۇرىي تەقسىملىنىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر بىر كۆچمەن ئۈچۈن 20 مىڭ ياۋرو تۆلىشىنى مەزمۇن قىلغان بەلگىلىمىسىگە پولشا بىلەن ۋېنگىرىيە ئېتىراز بىلدۈردى.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، كۆچمەنلەر توغرىسىدا پەقەت ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېلنىڭ ئىمزاسى بىلەن بىرلا ھۆججەت تارقىتىلدى.

مىشېل مەزكۇر ھۆججەتتە «پولشا بىلەن ۋېنگرىيەنىڭ ئۈنۈملۈك كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىنىش سىياسىتى مەسىلىسىدە يارىشىشقا ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى، ئىتتىپاقلىق تەدبىرلىرى دائىرىسىدە كۆچمەنلەرنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ پىداكارلىقنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.

مىشېل باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغان ۋېنگىرىيە بىلەن پولشانىڭ يېڭى قائىدىلەرنىڭ لاياقەتلىك كۆپ سانلىقلار تەرىپىدىن ئەمەس، بىردەك ماقۇللىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن ئورتاق باياننامىگە ئىمزا قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر