ياۋروپا ئىتتپاقى ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى سۈركىلىشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى، ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2003900
ياۋروپا ئىتتپاقى ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە چېگراسىدىكى سۈركىلىشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىدا ھەر كۈنى ئوق چىقرىىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىگە دائىر ئەھۋاللارنىڭ مەلۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ قاراباغ ئالدىنقى سېپىدىمۇ يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، 15 – ئىيۇندىن بۇيان لاچىن كارىدورى ئارقىلىق ئىككى تەرەپكە ئۆتىدىغان يوللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بۇ ئەھۋالنىڭ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە: «يېقىندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى داۋاملىق ئەڭ يۇقىرى سىياسىي سەۋىيەدە خىزمەت ئىشلەپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، ئۆزئارا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا تىرىشماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر