خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ پارىژدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا خەتەر ئەمەس، بەلكى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2003802
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ پارىژدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى باش مىنىستىر لى چياڭنىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى يەرشارى پۇل - مۇئامىلە شەرتنامىسى باشلىقلار يىغىنى» جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، لى چياڭ كۆرۈشۈشتە، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈپكى مەنپەئەت توقۇنۇشى يوقلۇقىنى، بىر تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەركىنلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ خىل پوزىتسىيە خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ھەمدە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئوبيېكتىپ ۋە ئەقلىي مۇھاكىمە قىلىشىنى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا ئاساستا داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل خىتاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»غا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

تەرەپلەر سۆھبەت جەريانىدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر