بلىنكېن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2003206
بلىنكېن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىگە خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئانتونى بلىنكېننىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەرەپلەرنىڭ «روسىيەنىڭ رەھىمسىز ئۇرۇشىغا قارشى ئۇكرائىنانى قوللىىشىنىڭ مۇھىملىقىنى» تەكىتلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر ئانتونى بلىنكېننىڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشتا يەنە سۆھبەتداشلىرىغا خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە يېقىندىن ماسلىشىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ (بۇ جەھەتتە) ئىتتىپاق ئىكەنلىكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر