ياۋروپا تەيۋەننىڭ تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەلىپىگە سەل قارىيالمايدۇ

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىلغار مىكرو ئۆزەك تېخنىكىلىرىنى ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن، تەيۋەننىڭ ياروپا بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەلەپلىرىگە سەل قارىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2001796
ياۋروپا تەيۋەننىڭ تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەلىپىگە سەل قارىيالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ <Politico> گېزىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى «تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى» نىڭ، ياۋروپادا زاۋۇت قۇرۇشى ھەققىدە توختالدى.

مىنىستىر ۋۇ تەيۋەننىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، پىراگا، بىريۇسسېل ۋە مىلاندا زىيارەتتە بولدى.

ئۇ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ شىركەتلەر بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم ۋە سېلىنمىلارغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما ياۋروپا بولۇپمۇ گېرمانىيە تەيۋەندىن ئىلغار مىكرو ئۆزەك تېخنىكىسى ئىمپورت قىلىشنى خالىغان تەقدىردە، تەيۋەننىڭ ياۋروپا بىلەن تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەلىپىگە سەل قارىسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ياۋروپانىڭ تەيۋەننىڭ گېئوپولىتىكىلىق سالاھىيىتى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىلىرىگە سەزگۈر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا تەيۋەن بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭ مەنزىرەنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولا بىئېر مىنىستىر ۋۇ بىلەن 17-ئىيۇن بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تەيۋەننى «دېموكراتىك ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم ئەزاسى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر