سۈرىيە يىغىنى ئاستانادا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە بىلەن سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك «سۈرىيە» تېمىلىق يىغىن، ئەتە (20-ئىيۇن) قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2001610
سۈرىيە يىغىنى ئاستانادا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «سۈرىيە» تېمىلىق يىغىندا، تۈركىيە، سۈرىيە، رۇسىيە ۋە ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىدۇ.

ئەنقەرە بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدا ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش، 2022-يىلى 28-دېكابىردا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرى كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا كۆرۈشكەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش، 19-ئىيۇن (2023) مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

تۆت تەرەپنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىلىدىغان كونكرېت قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش، مۇساپىرلارنىڭ ئىختىيارىي ھالدا بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.

دەمەشىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنى بەلگىلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر