ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزا ئىلتىماسنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋىزىنى دىجىتاللاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى شېنگېن ۋىزىسىنى دىجىتاللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى قانۇن ‏لايىھىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.‏

1999532
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزا ئىلتىماسنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋىزىنى دىجىتاللاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندا، پاسپورتقا چاپلىنىدىغان ۋىزىلار دىجىتال ھالەتكە كېلىدۇ ھەمدە 2D تاياقچە كودى سۈپىتىدە توردىن بېرىلىدۇ.

ۋىزالارنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلار توردا نۇرغۇن تىللار بىلەن ۋىزا ئىلتىماسى قىلالايدۇ.

بۇ يېڭى سىستېم ئارقىلىق ئىلتىماسلار بىرلا ئىنتېرنېت سۇپىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كېرەكلىك بولغان  ھۆججەتلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق يۈكلىنىدۇ، ۋىزا ھەققىنىمۇ مەزكۇر سۇپىدا ياتقۇزغىلى بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار كۆپ دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا قايسى دۆلەتنىڭ ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ.

بۇ سىستېما ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن ماسلىشىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

تۇنجى قېتىم ۋىزا تەلەپ قىلغانلار، بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلىرى ئىناۋەتلىك بولمىغانلار ۋە يېڭى پاسپورت ئالغانلار شېنگېن دۆلەتلىرىنىڭ كونسۇلخانىلىرىغا بىۋاستە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

شېنگېن ۋىزىسىنىڭ دىجىتاللىشىشى بىلەن تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ۋىزا ئىلتىماسىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە سۈرئەتنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شېنگېن رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشمۇ نىشان قىلىنماقتا.

بۇ قانۇن لايىھىسى ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ، 20 كۈندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر