رۇسىيە - خىتاي ئارمىيەلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى تېلېفونلاشتى

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ خىتاي ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ليۇ جېنلى بىلەن كۆرۈشتى.

1997845
رۇسىيە - خىتاي ئارمىيەلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گېراسىموۋنىڭ خىتاي مەنسەپدىشى لىيۇ بىلەن سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قايتا رەئىس بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى رۇسىيەگە قارىتىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن گېراسىموۋ، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ رۇسىيە-خىتاي ئۇنىۋېرسال شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېراسىموۋ يەنە: «دۇنيادىكى داۋاملىشىۋاتقان ھەر خىل ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە چىقىرىلغان قارارلار، رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئەسكەرتىلگەن ھەربىي تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشاننى شەكىللەندۈرىدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى دۇنيا ۋەزىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر