ناتو رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەنئەنىۋى قىسىملار شەرتنامىسىدىن چېكىنىشىنى ئەيىبلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەنئەنىۋى قىسىملار شەرتنامىسىدىن چېكىنىشىنى ئەيىبلىدى.

1997891
ناتو رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەنئەنىۋى قىسىملار شەرتنامىسىدىن چېكىنىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن: «رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئەنئەنىۋى قىسىملار شەرتنامىسىدىن چېكىنىش قارارى ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىگە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىق سالغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ شەرتنامىگە ئەمەل قىلىشىنىڭ كۆپ قېتىم تەلەپ قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيە بەرپاچى شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتمىدى ۋە ئۇنىڭغا تولۇق رىئايە قىلىش يولىدا قەدەم تاشلىمىدى. ئىتتىپاقداشلار رۇسىيەنى ئەھدە ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى مۇددەتنى قارارىنى قايتار كۆزدىن  كەچۈرۈشكە سەرپ قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوراللارنى تىزگىنلەش ئەھدىسىدە تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «ئىتتىپاقداشلار رۇسىيەنىڭ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەر ۋە بۇنىڭ ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.

تەرەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلىرىگە چەكلىگە قويۇشنى مەزمۇن قىلغان شەرتنامە، 1990 – يىلى ناتو بىلەن سوۋېت ئىتتپاقى ئوتتۇرىسىدا  فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىمزالانغانىدى.

رۇسىيە 2015- يىلى شەرتنامىگە ئەمەل قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن ئالدىنقى ئايدا شەرتنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر