ياۋروپا ئىتتىپاقى بەش دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئىمپورت قىلشىىنى چەكلەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى پولشا، ۋېنگىرىيە، رومىنىيە، سىلوۋاكىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى 15- سېنتەبىرگىچە ئۇزارتتى.

1996031
ياۋروپا ئىتتىپاقى بەش دۆلەتنىڭ ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئىمپورت قىلشىىنى چەكلەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئۇكرائىنادىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى قارارلىرىنى ئېلان قىلدى.

قارارغا ئاساسەن، 2 – مايدا يولغا قويۇلغان پولشا، ۋېنگىرىيە، رومىنىيە، سىلوۋاكىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىچا ۋە ئاپتاپپەرەس ئىمپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلغان ئالاھىدە ۋە ۋاقىتلىق تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتى 15 - سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن؛ مەزكۇر قارارنىڭ مۇددىتىنى بۈگۈن ئاخىرلاشقانىدى.

بۇ جەرياندا مەزكۇر بەش دۆلەت ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش يولىدا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر ھۇسۇل پەسلىدىن ئىلگىرىكى ئېغىر ئەشيا ئوبوروتى قىيىنچىلىقلىرى ۋە زاپاسلىغان ئاشلىق ساقلاش مىقدارىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى، ئۇكرائىنا ئاشلىقىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر