ئېكۋادوردا بىر ئۆي قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ بەش كىشى قازا قىلدى

ئېكۋادوردا بىر ئۆيگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا بەش كىشى قازا قىلىپ، سەككىز كىشى يارىلاندى.

1995880
ئېكۋادوردا بىر ئۆي قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ بەش كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، موتوسىكلىت مىنگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار گۋاياكىل شەھىرىنىڭ تىرىنىتارىيە رايونىدىكى بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەن. قوراللىق ھۇجۇمدا،  ئۆيدىكى بەش كىشى قازا قىلىپ، سەككىز كىشى يارىلانغان.

ئۆلگەنلەر ئارىسىدا، بىر ساقچى ۋە بىر ئايالنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىدىن قارىغاندا، ھۇجۇم موتوسىكلىت مىنگەن ئۈچ كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.

رايونغا كۆپ ساندا بىخەتەرلىك خادىملىرى ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر