ئىتالىيە مېلونى-ئەردوغاننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئىتالىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1994092
ئىتالىيە مېلونى-ئەردوغاننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، تېلېفون سۆھبىتىدە، باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونىنىڭ سايلام غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىگەنلىكى، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە – ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھەر ئىككى رەھبەر ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورتاق بىخەتەرلىك ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش، رايونلۇق، ياۋروپا ۋە كۆپ تەرەپلىك سەۋىيەدە ئاللىقاچان ئورنىتىلىپ بولغان قويۇق ھەمكارلىقنى قايتىدىن يولغا قويۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. شۇنداقلا پات يېقىندا قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر