ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى.

1993862
ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا چاقىرىلغان بىرەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئوسلودا چاقىرىلغان ئىككى كۈنلۈك يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى نورۋېگىيە پادىشاھى 5 - خارالد خان جەمەتى سارىيىدا بەرگەن زىياپەتتە  بىر يەرگە جەم بولدى، ئارقىدىن، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئاننى بىتې تۋىننېرېيم «ئاكېرشۇس قەلئەسى» دە بەرگەن كەچلىك زىياپەتتە تەكرار ئۇچراشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈنكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلىنىدىكەن.

بۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىنى 11-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەشكىل قىلىدىكەن.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر بىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يىغىندا، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەتنى مۇداپىئە قىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە تىنچلىق پىلانىنى قوللاشنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى لەۋەنت گۈمرۈكچۈ قاتنىشىدىكەن.

گەرچە رەسمىي قارالمىلار قاتارىدا بولمىسىمۇ، ئەمما كوسوۋۇدىكى جىددىيچىلىك توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر