گېرمانىيەدە جامەگە ئوت قويۇپ بېرىش قىلمىشى تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى

گېرمانىيە ساقچىلىرى خاننوۋېر شەھىرىدىكى «مىللىي گۆرۈش» ئىسلام جەمئىيىتىگە ئائىت چوڭ جامەنىڭ قورۇسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

1993467
گېرمانىيەدە جامەگە ئوت قويۇپ بېرىش قىلمىشى تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆۋەنكى ساكسونيا ئۆلكىسىگە جايلاشقان مىللىي گۆرۈش» ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تارمىقى بولغان «شۇرا» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى رەجەپ بىلگەن  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خاننوۋېر شەھىرىدىكى «مىللىي گۆرۈش» ئىسلام جەمئىيىتىگە ئائىت ئەڭ چوڭ جامەنىڭ قورۇسىنىڭ ئوت قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ ھۇجۇمنىڭ سولىنگېن شەھىرىدە بىر تۈرك ئائىلىسىنىڭ 5 ئەزاسى قازا قىلغان ئىرقچىلىق خاراكتېرلىك ئوت  قويۇپ بېرىش ھۇجۇمىنىڭ  30-يىللىقى مەزگىلىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈپ  تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشىنى ۋە ئىبادەتخانىلىرىمىزنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

خاننوۋېر شەھەرلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى دۈشەنبە كۈنى كەچتە  مەزكۇر جامەنىڭ قورۇسىغا جايلاشقان بىر رېستوراننىڭ سىرتىدىن باشلانغان ۋە قوشنىلار تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن.

ئوت ئاپىتىدە بەزى ئورۇندۇقلار، بىنانىڭ سىرتى ۋە دېرىزىسى زىيانغا ئۇچرىغان، جامەنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا ھېچقانداق زىيان كۆرۈلمىگەن.

گېرمانىيەدە ئالدىنقى يىلى دۆلەت مىقياسىدا كەم دېگەندە 610 ئىسلام دۈشمەنلىكى جىنايىتى سادىر قىلىنغان، 62 جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، كەم دېگەندە 39 ئادەم ئىسلام دۈشمەنلىكى خاراكتېرلىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر