ياپونىيە باش ۋەزىرى ئۆز ئوغلىنى  كاتىپلىق ۋەزىپىسسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغان بولدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونىڭ كاتىپى ۋە چوڭ ئوغلى كىشىدا شوتارو رەسمىي تۇرالغۇدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغان بولدى.

1992805
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئۆز ئوغلىنى  كاتىپلىق ۋەزىپىسسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە، «كىشىدا شوتارونىڭ باش ۋەزىرلىك رەسمىي تۇرالغۇسىدا كۆڭۈل ئېچىش زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى» غا دائىر پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىغا تارقىتىلىدىغان «شۇكان بانشۇن» ژۇرنىلىدا چىققان خەۋەرنىڭ غۇلغۇلىسى داۋاملاشماقتا.

خەۋەرگە قويۇلغان رەسىملەردە، كىشىدانىڭ باش ۋەزىرلىك رەسمىي تۇرالغۇسىدا يېقىنلىرى ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلىقى، ھەمدە يەنە بىر كىشىنىڭ قىزىل گىلەم بىلەن قاپلانغان پەلەمپەيدە ياتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

باش ۋەزىر كىشىدا ئوغلىنىڭ كاتىپلىق سالاھىيىتى ۋە  خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى سەۋەبىدىن رەسمىي تۇرالغۇدىكى قىلمىشىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئۆز ئوغلىنى كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، كىشىدا شوتارونىڭ 1- ئىيۇندىن ئئېتىبارەن رەسمىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش ۋەزىر كىشىدا باش كاتىپى ۋە ئوغلى كىشىداغا زۆرۈر بولغان  ئۇقتۇرۇشلارنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلە توغرىسىدا يېڭى قارار چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «NHK» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىشىدا شوتارودىن ئىلگىرى كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ياماموتو تاكايوشى قايتىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىكەن.

كىشىدا فۇمىيو 2021-يىلى ئۆكتەبىردە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن 31 ياشلىق ئوغلى كىشىدا شوتارونى ئىجرائىيە كاتىپى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر