رۇسىيە 106 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى قويۇپ بەردى

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەسىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە 106 ئۇكرائىنا ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى.

1991156
رۇسىيە 106 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرېي يېرماك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەسىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە 106 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇ ئەسكەرلەردىن سەككىز نەپىرىنىڭ ئوفىتسېر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيە ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بەرگەن بۇ ئەسكەرلەرنىڭ باخمۇت سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يوقاپ كەتتى دەپ قارالغانىدى، شۇڭا بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ناھايىتى مۈشكۈل جەرياننى باشتىن كەچۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر