رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويدى.

1990858
رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش  كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى — تاسس، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى بېلارۇسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە تاراتقۇلىرى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ غەربنىڭ رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەگە قارشى «ئېلان قىلماستىن جەڭ» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا يېقىن ئىتتىپاقداش بولۇپ كەلگەن رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە، بۇ يىل (2023) نىڭ بېشىدا موسكۋانىڭ تاكتىكىلىق يادرو قورال ئامبىرىنىڭ بىر قىسمىنى بېلارۇسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر