ئىران ئەرەبىستانغا باش ئەلچى تەيىنلىدى

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى رىزا ئىنايەتىنى رىياد باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

1989828
ئىران ئەرەبىستانغا باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيەسى تارقىتىش ئورگىنى — مىزان خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تېھراننىڭ ئىنايەتىنى ئىراننىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلى رىزا ئىنايەتى ئىلگىرى ئىراننىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

رىياد بىلەن تېھران ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 10 – مارتتا بېيجىڭدا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،  ئىككى ئاي ئىچىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدىشى فەيسال بىن فەرخانمۇ 6- ئاپرېل بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆزئارا ۋىزىلارنى قولايلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنىدى.

ئابدۇللاھىيان 11 – ماي بايانات بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھرانغا تەيىنلەيدىغان باش ئەلچىسىنى ئۆزىگە تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەيىنلەيدىغان باش ئەلچىسىنى بېكىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رىيادقا مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئىراندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت، ئىران ئىقتىساد مىنىستىرى ئىھسان ھاندۇزى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ 11- مايدىكى جىددە زىيارىتى بولۇپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر