پاكىستان باش مىنىستىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىدا غەلىبە قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.
1989501
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، 14 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلاملىرىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن، شۇنداقلا 28 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى ئايلانما سايلامدىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن ۋە بۇ سايلامنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.