ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ب د ت باش كاتىپى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس «قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى» نىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1987884
ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ب د ت باش كاتىپى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى» نىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئورتاق تىرىشچانلىقىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

پاتېل كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر بىر نەچچە ھەپتىدە بىر قېتىم موسكۋاغا ئاشلىق كارىدورىنىڭ مۇھىملىقىنى خاتىرىلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىرقانچە ھەپتىدە بىر قېتىم موسكۋاغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىشتەك قىيىنچىلىقلىرىنى ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىدا قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى توختىتىشىنى خاتىرلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. جۈملىدىن رۇسىيەگە ئاشلىقنىڭ مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈلۈشىگە توسالغۇ بولماسلىقىنى خاتىرىلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. پۈتكۈل دۇنيا قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە موھتاج.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى، ھەمدە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ يېزا ئىگىلىك سودىسىنىڭ نورماللىشىشى ۋە يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىپ ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»

گۇتېررېس قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىملەر يەر شارىۋى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەنمەكتە. قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى سايىسىدا 30 مىليون توننا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىندى.»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەيمس كلېۋېرلىي  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشى يولىدا ئىجابىي قەدەم تاشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر