ئېلون ماسك تۋىتتېردىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

ئېلون ماسك تۋىتتېرنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى (CEO) لىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ.

1985630
ئېلون ماسك تۋىتتېردىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلون ماسك تۋىتتېردا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «تۋىتتېر ئۈچۈن يېڭى ئىجرائىيە دىرېكتورىنى ۋەزىپىگە قويىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن. تەخمىنەن ئالتە ھەپتە ئىچىدە ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ» دېدى.

ئۇ يېڭى دىرېكتورنىڭ رولىنىڭ مەھسۇلات، يۇمتال ۋە مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىدىغان مۇدىرىيەت باشلىقى شۇنداقلا باش تېخنىكا مۇدىرى (CTO) بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماسك ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرلاردىن يېڭى باش ئىجرائىيە دىرېكتورىنىڭ ئايال بولىدىغانلىقى بىلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما نام-شەرىپى ئاشكارىلانمىدى. ئۇ دېكابىر (2022) دا، تۋىتتېرنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورلۇق ۋەزىپىىدىن ئىستېپا بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا راي سىناش ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ۋە نەتىجىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، 17 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بېلەت تاشلىغان بولۇپ، بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ %57.5 ى ماسكنىڭ ئايرىلىشىنى، %42.5 ى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماسك ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان «ئەخمەق» تىن بىرنى تاپقان ھامان تۋىتتېرنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، يۇمتال ۋە مۇلازىمېتىر گۇرۇپپىسىنىلا باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تېسلانىڭ بەزى پايچېكلىرى تۋىتتېر ماسكنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋىتىدىغان بولۇپ قالدى دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېسلادىكى ۋەزىپىسىگە كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر