ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خاككېرلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى مىنىستىرلىقنىڭ ئورگان تور بېتىنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھۆججەت ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1983810
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خاككېرلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، باياناتچى كەنئانىنىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىنىڭ خاككېرلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ تور بېكىتىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان كەنئانى، زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىپ، بارلىق مۇلازىمەت سىستېمىلىرىنىڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار يالغان ۋە ئاساسسىز. ئۇنىڭ بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار (تور ھۇجۇمى) بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ پەقەت تاراتقۇلارنىڭ مۇبالىغە قىلىشىدىن ئىبارەت» دېدى.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېكىتى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر مۇددەت ئېچىلمىغان.

ھۇجۇم قىلغان گۇرۇپپا مىنىستىرلىقنىڭ نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىملىك ​​ھۆججەتلىرى، مىنىستىرلىق خەت ئالاقىلىرى، تېلېفون نومۇرلىرى ۋە مىڭلارچە مىنىستىرلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خاككېرلار مىنىستىرلىق تور بېكىتىنىڭ باش بېتىگە ئىران «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قارايدىغان خەلقنىڭ مۇجاھىدلىرى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن «خامەنېيغا ئۆلۈم، ياسىشۇن رەجەۋى!» دېگەن ئىبارىلەرنى چىقىرىپ قويدى.

«ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچە تىك تۇرۇش» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئىسلام مەدەنىيەت ۋە ئالاقە ئورگىنىنىڭ تور بېتىنى خاككېرلاپ، 200 مىڭ پارچە ھۆججەتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر