سىلوۋېنىيەنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئېدۋارد خېگېر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇكرائىنانى تولۇق قوللىغانلىقى بىلەن تونۇلغان خېگېر ئىستېپانامەسىنى پىرېزىدېنت زۇزانا كاپۇتوۋاغا تاپشۇردى.

1983760
سىلوۋېنىيەنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئېدۋارد خېگېر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋېنىيەنىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى خېگېر بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقانلىقى ۋە سىلوۋېنىيەگە ياخشى ئىشلارنى ئارزۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشنى  قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىستېپانىڭ ئارقىسىدىن پىرېزىدېنت كاپۇتوۋامۇ 9-ئايدا دۆلەتنى سايلامغا يېتەكلەيدىغان تېخنىكىلىق ھۆكۈمەت تەشكىللەش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كاپۇتوۋا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن سىلوۋېنىيە دۆلەت بانكاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇدوۋىت ئودورنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىكەن.

سىلوۋېنىيەىدە سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خېگېر باشچىلىقىدىكى ئۈچ پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىن ئەركىنلىك ۋە ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى (SAS) نىڭ ئايرىلىشى نەتىجىسىدە پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق بولۇش ئۈستۈنلۈكىنى قولدىن بېرىپ قويغان ھۆكۈمەت، 2022-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ ئاۋازى بېرىشتە مەغلۇب بولۇپ ئەمەلدىن قالغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، پىرېزىدېنت كاپۇتوۋا خېگېر باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە دۆلەتنى سايلامغا يېتەكلەش ۋەزىپىسى تاپشۇرغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر