ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە 87 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلغان پەلەستىنلىك مەھبۇس قازا قىلدى

ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە 87 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان پەلەستىنلىك مەھبۇس ھەدىر ئادنان قازا قىلغاندىن كېيىن، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىلدى.

1981686
ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدە 87 كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلغان پەلەستىنلىك مەھبۇس قازا قىلدى
filistinli tutuklu hidir adnan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەگە ئۈچ راكېتامىيوتنىڭ ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، راكېتامىيوتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوچۇق يەرگە چۈشكەنلىكى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ راكېتامىيوتلارغا ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، غەززە رايونى ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈكلىرىنىڭ ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىنلىك مەھبۇس ھىدىر ئادنان سوت قىلىنماستىن «مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇش» قا قارشى87 كۈندىن بۇيان تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى ئادناننىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئادناننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن تۈرمىدىن دوختۇرخانىغا يۆتكەلمىسە «ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچار بولىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە سوتى بۇ تەلەپنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر