جاستىن ترۇدو ئۇكرائىنا خەلقىنى داۋاملىق  قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

1981736
جاستىن ترۇدو ئۇكرائىنا خەلقىنى داۋاملىق  قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە كانادانىڭ كەلگۈسىدە بۇ دۆلەتنى قانداق قوللايدىغانلىقى ھەققىدە تېلېفوندا مۇزاكىرىلەشكەن.

ترۇدو رۇسىيەنىڭ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ۋە  ئۇكرائىنا ئۆسمۈرلىرىنى مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشى قاتارلىق رەھىمسىز ۋە ناھەق تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا خەلقى بىلەن كاناندانىڭ ھەر دائىم ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش مىنىستىر ترۇدو كانادانىڭ ئېھتىياجغا ئاساسەن ھەربىي، ئىنسانپەرۋەرلىك، مالىيە ۋە باشقا ياردەملەر بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنانىڭ ئادىل تىنچلىق ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترۇدو، ياپونىيەنىڭ ھىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان G-7 باشلىقلار يىغىنىغا زېلېنسكىينىڭ سىن ئارقىلىق قاتنىشىشىنى  تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ترۇدو بىلەن زېلېنسكىيمۇ يېقىن ئالاقىنى ساقلاپ قىلىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر