ياۋروپا: زېلنسكىي-شى تېلېفون سۆھبىتى ياخشى ئىلگىرىلەش

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا پىرېزىدنتى ۋولودىمىر زېلنسكىي بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ ياخشى ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1980166
ياۋروپا: زېلنسكىي-شى تېلېفون سۆھبىتى ياخشى ئىلگىرىلەش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەمەلدارى بىريۇسسېلدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «زېلنسكىي بىلەن شىنىڭ ئاخىرى تېلېفوندا كۆرۈشۈشى ۋە ئالاقە قاناللىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشى ياخشى ئىلگىرىلەش» دېدى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئەمەلدار، بۇ خىلدىكى كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى خىتاي ۋە ئۇكرائىنا مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقاندا دائىم تەكىتلىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئۇكرائىناغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتىش نىيىتىگە دىققەت قىلدۇق.»

زېلنسكىينىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى ئاساس قىلغان ئادىل تىنچلىق تەشەببۇسلىرىنى قوللىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن  مەزكۇر ئەمەلدار، تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ شەرتلىرىنى ئۇكرائىنانىڭ قارار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خىتاي رەئىسى شى بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدنتى شى جىنپىڭنىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغان 2022-يىلى 24-فېۋرالدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى بولۇپ ھسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن نۇرغۇن قېتىم كۆرۈشتى. ھەتتا، موسكۋانى زىيارەت قىلدى، ئەمما پىرزىدېنت زېلېنسكىي بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئىدى.

خىتاي ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ئۇكرائىنا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىرزىدېنت زېلېنسكىي تىنچلىق ئۈچۈن زېمىندىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ 1991-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرالار بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر