رۇسىيەدە بىر يېزىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ئۇرال تېغىنىڭ شەرقىدىكى بىر يېزىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1979745
رۇسىيەدە بىر يېزىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوت ئاپىتىدە بىر ئادەم قازا قىلدى، 134 ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 178 پاناھ جاي ۋەيران بولدى.

ئوت ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان يۈزلەرچە كىشىلەر بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئوت ئۆچۈرۈش پائالىيەتلىرىگە 380 دىن ئارتۇق خادىم، 112 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان قاتناشتى.

ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر