فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى: زېلېنسكىي بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتى خۇشاللىنارلىق ئىش

فىنلاندىيە پرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن  خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈشىنىڭ خۇشالىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1979796
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى: زېلېنسكىي بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتى خۇشاللىنارلىق ئىش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. ئەھمىيەتلىك تېلېفون سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ئىشىنىمەنكى، بۇ تېلېفون سۆھبىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ رولىنى ئوينايدۇ.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى نىنىستو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا،  زېلېنسكىينىڭ باياناتىنى ھەمبەھىرلەپ، «بۇ خۇشالىنارلىق ئىش» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر