ماكرون خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1979150
ماكرون خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە چاقىرىلغان شىمالىي دېڭىز باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئېمانۇئېل ماكرون فىرانسىيەنىڭ BFMTV قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، خىتاي باش ئەلچىسى لۇ شايىنى تەنقىد قىلىپ: «مېنىڭچە، بىر دىپلوماتنىڭ بۇنداق تىل ئىشلىتىش ھەددى يوق» دېدى.

ماكرون فىرانسىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى تىلغا ئالغان دۆلەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي باش ئەلچىسى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسى TF1 نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ خەلقئارا قانۇندا ئورنى يوق. ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت سالاھىيىتى خەلقئارالىق كېلىشىم ئارقىلىق كونكرېتلاشتۇرۇلمىغاچقا، خەلقئارا قانۇندا پائال سالاھىيىتى يوق» دېگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر