كانادا مىقياسىدا دۆلەت خادىملىرى ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

كانادا مىقياسىدىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان 155 مىڭ دۆلەت خادىمى ھۆكۈمەت بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1977213
كانادا مىقياسىدا دۆلەت خادىملىرى ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتتە نۇپۇزلۇق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى بولغان كانادا ئاممىۋى مۇلازىمەت جەمئىيىتى (PSAC) نىڭ رەئىسى كىرىس ئەيلۋارد ئوتتاۋادا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەزاسى بولغان 155 مىڭ فېدېراتسىيە دۆلەت خادىملىرى نامىدىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

كىرىس ئەيلۋارد ئەزالىرىنىڭ ئىش تاشلاشنى بۈگۈن شۇ يەرنىڭ  ۋاقتى 12:01 دە باشلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھازىرمۇ ئارىمىزدا مۇساپىلەر بار، ئەمما بىز شۇنداقتىمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ۋە ئۈمىدۋارمىز. مەقسىتىمىز كېلىشىم ھاسىل قىلىش. ئەزالىرىمىز ياخشى، ئوچۇق ۋە ئادىل كوللېكتىپ كېلىشىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار» دېدى.

ئەيلۋارد كانادا مىقياسىدا 250 دىن ئارتۇق ئىش تاشلاش لىنىيەسى قۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇزاكىرە ئۈستىلىدە سۆھبەت قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما مۇھىم مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغىچە ئۇيۇشمىنىڭ ئىش تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كانادا مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقانلىقىنى، لېكىن ئۇيۇشمىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كانادا خەلقىگە خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان تەلەپلەردە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادادا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى، بولۇپمۇ باج ئىشلىرى ۋە پاسپورت بېجىرىش قاتارلىق 23 ئوخشىمىغان فېدېراتسىيە ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ ئاقساپ قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر