ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ

ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا قوشۇمچە 500 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1974499
ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مالىيە ۋازارىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان قوشۇمچە 500 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردىمىنى قوشقاندا، بۇ يىل ئۇكرائىناغا قىلغان ئومۇمىي ئىقتىسادىي ياردىمى 1 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا 6 مىليارد 500 مىليون فوندستېرلىڭ (8 مىليارد 100 مىليون دوللار) ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلغان.

ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان قوشۇمچە 500 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ مۇھىم ئاممىۋى مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ھاۋالە فوندى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان نامرات دۆلەتلەردىكى نامراتلىقنى ئازايتىش، تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن قوشۇمچە 670 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر