ماكرون گوللاندىيەدە نارازىلىقلارغا دۇچ كەلدى

گوللاندىيەدە ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ھەر خىل نارازىلىقلارغا دۇچ كەلدى.

1973803
ماكرون گوللاندىيەدە نارازىلىقلارغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىككى كۈنلۈك گوللاندىيە زىيارىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن (11-ئاپرېل) يېتىپ كەلگەن لاھەي شەھىرىدە، نېكسېس ئىنىستىتۇتىدا ياۋروپادا يېشىل سانائەت توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

زالدىكى نامايىشچىلارنىڭ شوئارلىرى ئۇنىڭ نۇتۇقىنى بۆلۈپ تاشلىدى.

«زوراۋانلىق ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىكنىڭ پىرېزىدېنتى» دەپ شوئار يېزىلغان لوزۇنكىنى ئاچقان نامايىشچىلار، ماكرونغا قارىتىپ، «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھۆرمەت قىلىنمايۋاتىدۇ»، «فىرانسىيەدە مىليونلارچە كىشى كوچىلارغا چىقتى، ياۋروپا ھەققىدە قانداق گەپ قىلالايسەن» دەپ ۋارقىردى.

ئۇ بىر نامايىشچىنىڭ  «مېنىڭچە، بىز بەزى نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويدۇق، فىرانسىيە دېموكراتىيەسى قەيەردە؟» دېگەن سوئالىغا، «مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلەيمەن ، ئەمما ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرسىڭىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە نامايىشلارغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «<مەن قوبۇل قىلىنغان قانۇنغا ياكى سايلانغانلارغا قارشى تۇرىمەن، مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن، چۈنكى مەن قىلغان ئىشلىرىمنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى قارار قىلىمەن> دېسىڭىز، دېموكراتىيەگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولىسىز» دېدى.

ئۇ پېنسىيە يېشىنى 62 ياشتىن 64 ياشقا چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پېنسىيە يېشىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە فرانسىيەگە سېلىشتۇرغاندا 64 ياشتىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى ماكروننىڭ نۇتۇقىنى بۆلگەن نامايىشچىلارنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە پېنسىيە يېشىنى ئىككى يىل ئۆرلىتىپ 62 ياشتىن 64 كە چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويماستىن پارلامېنتتىن ئۆتكۈزۈش قارارى سەۋەبىدىن 16-مارت پارتلىغان نامايىشلار، ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە.

مەملىكەت مىقياسىدا 16-مارتتىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا مىڭدىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر