كانادا ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەملەرنى قىلىدۇ

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو 14 رۇسىيەلىككە ۋە 34 ئىدارە-ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىناغا يېڭى ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1973712
كانادا ئۇكرائىناغا يېڭى ياردەملەرنى قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەن ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شمىخال كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە كۆرۈشتى.

جاستىن ترۇدو كۆرۈشۈشتىن كېيىن، كانادانىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇكرائىناغا يېڭى ھەربىي ياردەملەرنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ كانادانىڭ ئۇكرائىناغا 21 مىڭ مىلتىق، 38 ئاپتوماتىك مىلتىق ۋە 2.4 مىليون پاي ئوق ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە ياللانما ئەسكەر شىركىتى ۋاگنېرغا چېتىشلىق 14 كىشى ۋە 34 ئىدارە-ئورگانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، زۆرۈر تېپىلغاندا، كانادانىڭ ئۇكرائىناغا داۋاملىق تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولاردىن قېچىشىغا ياردەم قىلغان بېلارۇسىيەدىكى توققۇز پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادا 2022-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئۇكرائىناغا پۇل-مۇئامىلە، ھەربىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا ياردەملەر دائىرىسىدە، 8 مىليارد كانادا دوللىرى ياردەم قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر