نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ  18 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا  قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، تەشكىلاتنىڭ 18 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1971057
نىگېرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ  18 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇقرالار بىرلەشمە ۋەزىپە ئەترىتى (CJTF) تاپشۇرۇۋالغان ئىستىخباراتقا بىنائەن بوكو ھارامنىڭ بورنو ئۆلكىسى سامبىسا ئورمىنىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان لاگېرىغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

ھەرىكەتتە، بوكو ھارامنىڭ لاگېرى بىتچىت قىلىنىپ، 18 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر