ئۈچ دۆلەت شىمالىي كورېيەگە قارشى مانېۋىر باشلىدى

جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان «باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرى» سەۋەبىدىن ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بىرلەشمە مانېۋىر باشلىدى.

1968957
ئۈچ دۆلەت شىمالىي كورېيەگە قارشى مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى  ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ شىمالىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك «USS Nimitz» ناملىق ئاۋىياماتكاسى بىلەن قوغلىغۇچى پاراخوتلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە شىمالىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا تەھدىتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مانېۋرىدا تەھدىت پەيدا قىلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى بايقاشقا دىققەتنىڭ مەركەزلەشكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۈچ دۆلەتنىڭ پات ئارىدا ئىنسانپەرۋەرلىكنى مقسەت قىلغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش مانېۋىرىنىمۇ ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«شىمالىي كورېيەنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قەتئىيلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر