ئامېرىكا خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1966775
ئامېرىكا خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىدىكى ئورنىغا خاتىمە بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلىدى؛ پالاتادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن لايىھە بىردەك قوبۇل قىلىندى.

«خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس» ناملىق قانۇن لايىھەسى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ قاراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

قانۇن لايىھەسى خىتاي «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتى بىلەن بەھرىمان بولىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ياردەملەرنى توسۇشنى ھەمدە ئۇنى «تەرەققىي قىلىۋاتقان» دۆلەتتىن «يۇقىرى ئوتتۇرا كىرىملىق» ياكى «تەرەققىي تاپقان دۆلەت» كاتېگورىيەسىگە يۆتكەشنى نىشان قىلىدۇ.

«تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر» خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ بەزى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ؛ مەسىلەن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ سودا پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىدۇ.

ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنىغا قاراپ، ئۇنىڭ بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولۇشىغا قارشى تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر