ناتو بىلەن ياۋروپا رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى ئەيىبلىدى

ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى «مەسئۇلىيەتسىزلىك» بىلەن ئەيىبلىدى.

1965537
ناتو بىلەن ياۋروپا رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باياناتچىسى ئوانا لۇنگېسكۇ رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «رۇسىيەنىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى قارارى ناھايىتى خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك. ناتو ھوشيارلىقنى ساقلاۋاتىدۇ. بىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بىز رۇسىيەنىڭ يادرو قورالى پوزىتسىيەسىدە، بىزنىڭ ئۆزگىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمىدۇق. رۇسىيە يېقىندا ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دائىم قوراللارنى كونترول قىلىش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. رۇسىيە دەرھال ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى ۋە سەمىمىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بېلارۇسىيەنىڭ رۇسىيە يادرو قوراللىرىغا ساھىبخانلىق قىلىشنىڭ  مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىش ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  بېلارۇسىيە بۇنى ھازىرمۇ توختىتالايدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ قارارى. ياۋروپا ئىتتىپاقى قوشۇمچە تەدبىرلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييار.»

پۇتىن رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيە زېمىنىغا تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ «يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش شەرتنامىسى» غا خىلاپلىق قىلمىغان ھالدا، بېلارۇسىيە زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر