بۇركىنا فاسو «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى توختاتتى

بۇركىنا فاسو فىرانسىيەنىڭ «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

1965636
بۇركىنا فاسو «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسو بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.

ۋاگادۇگۇ ھۆكۈمىتى فىرانسىيەنىڭ «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تارقىتىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى، فىرانسىيەنىڭ «France 24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ  تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ ئاتالمىش شىمالىي ئافرىقا رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ۋە تېررورچىلارنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە قانىلى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسىدەك ھەرىكەت قىلىشى ئىكەن.

فىرانسىيەنىڭ «France 24» تېلېۋىزىيە قانىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ ئاتالمىش شىمالىي ئافرىقا رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى 6 – مارت كۈنى تارقاتقانىدى.

ۋاگادۇگۇ ھۆكۈمىتى يانۋار ئېيىدا فىرانسىيەگە نوتا تاپشۇرۇپ، ئەسكەرلىرىنى بۇ دۆلەتتىن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

فىرانسىيەنىڭ «France 24 » تېلېۋىزىيە قانىلى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاپ پىروگراممىلارنى تارقاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر