بايدىن مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى، ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.

1963905
بايدىن مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى، ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلدى.

بايدىن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇقەددەس تەپەككۇر مەزگىلىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جاپا-مۇشەققەت ۋە ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرنى قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز. بىز يېقىندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نۇرغۇن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقلىرىنى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى يازدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىققان پاكىستان خەلقىنى داۋاملىق قوللايمىز.»

پىرېزىدېنت بايدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار، بىرمادىكى ئاراكانلىقلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بېسىم، زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.»

ئۇ مۇسۇلمان ئامېرىكالىقلارنىڭ پەن- تېخنىكادىن سەنئەت، ئاكادېمىيە، قانۇن، تىبابەت، سودا ۋە بىيۇروكراتىيەگە قەدەر ئامېرىكاغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، بۇ دائىرىدە ھوقۇقتا تېخىمۇ باراۋەر، ئادىل كەڭ قورساق بىر مىللەت شەكىللەندۈرۈش ئەھدىلىرىگە چوقۇم ۋاپا قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېنمۇ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى شېرىكلىرىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھەم دۆلىتىمىزدە ھەمدە چەت ئەللەرە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن دىنىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. 1 مىليارد 800 مىليون مۇسۇلماننىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ بەرىكەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمىز.»

نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامسمۇ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، رامىزاننىڭ مۇقەددەس بىر ئاي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نىيۇ يوركتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر