ئامېرىكا: تۈركىيەدىن مىننەتدارمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1962753
ئامېرىكا: تۈركىيەدىن مىننەتدارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

كىربى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە بۇ سايىدا ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا تونلارچە قۇناق بېسىلغان پاراخوتلارنىڭ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق گىردابىغا بېرىپ قالغان تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرگە بىمالال يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جون كىربى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى، ھەمدە قارار چىقىرىش مېخانىزمىدا ئۇكرائىنا بولمىغان ئەھۋال ئاستدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كىربى پۇتىننىڭ رۇسىيە ئۇكرائىنادا قانۇنسىز بېسىۋالغان دونېتسك رايونىغا قاراشلىق مارىيۇپول شەھىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ھالبۇكى مارىيۇپولنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق بىر رايون ئىكەنلىكىنى، پۇتىننىڭ ئەسلىدە «رۇسىيە ئارمىيەسى بومباردىمان قىلغان» شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم-يېتىم ۋە ۋەيرانچىلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ تېخىچە باخمۇد رايونىنى قولغا كىرگۈزەلمىگەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا يەنە 350 مىليون دوللارلىق ئوق-دورا ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر