پىرېزىدېنت بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Covid-19) نىڭ يىلتىزى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ يولىنى ئاچىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

1962669
پىرېزىدېنت بايدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن مارت ئېيىنىڭ بېشىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار كونگرەدە ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيتلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان «ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزى قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ يازما باياناتىدا، «كەلگۈسىدىكى ۋابالارنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىشىمىز ئۈچۈن ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يىلتىزىنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. خىتايدىكى ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنىستىتۇتىدىكى يوشۇرۇن يىپ ئۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بارلىق مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى تەتقىق قىلىش داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

مەزكۇر قانۇن، ئامېرىكا دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنى ۋۇخەن ۋاباسى تارقىلىشتىن ئىلگىرى ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنىستىتۇتىدا قىلىنغان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەتقىقاتلىرىنى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى تەتقىق قىلىشقا يۈزلەندۈرىدۇ.

كونگرەدە جۇمھۇرىيەتچىلەر قانىتى ۋابا تارقالغاندىن تارتىپ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكالىقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بولسا، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى ياكى ھايۋانلاردىن يۇققانلىقىغا قارىتا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر