بايدىن پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

جو بايدىن پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شارم ئەل-شەيخ شەھىرىدە، ئىسىرائىلىيە، پەلەستىن، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە ئامېرىكا مەسئۇللىرى ئۆتكۈزگەن يىغىننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1962132
بايدىن پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شارم ئەل-شەيخ شەھىرىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پىرېزىدېنت جو بايدىن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرەپلەرنىڭ دەرھال ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى، بارلىق ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنىڭ سىجىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ نېتانياھۇغا دېموكراتىك قىممەتلەرنىڭ ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكىنى، دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىڭ ھەقىقىي تەڭپۇڭلۇق ۋە نازارەتلەر بىلەن كۈچلىنىدىغانلىقىنى، تۈپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمەلگە ئېشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئىراننىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تەكرارلىدى.

ئىككى رەھبەر كەلگۈسىدىكى ھەپتىلەردىمۇ دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى قارار قىلدى.

مىسىر، پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ھەمدە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى شارم ئەل-شەيختە كۆرۈشكەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە-پەلەستىننىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا ، پەلەستىن زېمىنىدا تىنچلىقنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر