ئامېرىكا پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىغا تىك ئۇچار ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتامدۇ؟

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال پاترىك رايدېر، ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى مۇخبىرىنىڭ «ئامېرىكا پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىغا تىك ئۇچار ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

1961344
ئامېرىكا پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىغا تىك ئۇچار ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال پاترىك رايدېر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە SDG دېگەن نامنى ئىشلىتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا تىك ئۇچارلارنى ئىشلىتىشنى مەشىق قىلدۇرۇپ – قىلدۇرمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا «بىلىشىمچە، ياق (يەنى ئۇنداق ئىش يوق)» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا پ ك ك تېررورچىلىرى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، تىك ئۇچارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا قانداق چۈشكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتى تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى قانىتىنى مەشىق قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مەركەزلەشكەنىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پاترىك رايدېر ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئىراقتا پ ك ك تېررورچىلىرى ئولتۇرغان بىر تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا: «سىلەر سۈرىيەدىكى SDG غا تىك ئۇچار ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىلىشىمچە، ياق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى فېيسبۇكتىكى رەسمىي ئادرېىسدا تۈنۈگۈن (15-مارت) دۇخوكنىڭ چەمانكە ناھىيەسىدە چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بىخەتەرلىك قىسىملىرى تىك ئۇچارغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى تىك ئۇچارنىڭ Eurocopter AS350 تىپلىق ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى، قازا قىلغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پ ك ك تېررورچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. تىك ئۇچارنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش يولىدىكى تەپسىلىي تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقالغان «ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچارى چۈشۈپ كەتتى» دېگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئۆسەك سۆزلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رېئاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر