ئامېرىكا «تىكتوك» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سىن ھەمبەھىرلەش ئەپدېتالى «تىكتوك» سېتىۋېتىلمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكادا چەكلىنىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

1960618
ئامېرىكا «تىكتوك» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ Bytedance شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «تىكتوك» ئەپدېتالى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىش ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

تۇنجى بولۇپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بۇ ئەپدېتالىنىڭ قولدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا، ئامېرىكا مىقياسىدا چەكلىنىشكە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىكتوك باياناتچىسى خەۋەرنىڭ مۇبالىغە قىلىنغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە «قولدىن چىقىرىۋېتىش» نىڭ مەنىسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مەقسەت دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولسا ، قولدىن چىقىرىۋېتىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى سانلىق مەلۇمات ئېقىمى ياكى زىيارەت قىلىنىشقا ھېچقانداق يېڭى چەكلىمە ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر