ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بالنېستقا ئېلىندى
ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېزنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن خۇسۇسىي دوختۇرخانىنىڭ بىر جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بالنېستقا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1959960
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ سەھىيە تارمىقىنىڭ باياناتىدا، پىرېزىدېنت فېرناندېزنىڭ جىددىي تىپتىكى بەل ئاغرىقى سەۋەبىدىن پايتەخت بوئېنۇس ئايرېسنىڭ رېكولېتا رايونىدىكى خۇسۇسىي دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «جىددىي خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقىنى داۋالاشنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرى توغرىسىدا زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەر قىلىنىپ، ئاممىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ» دېيىلدى.
فېرناندېز 2022 - يىلى 15 - نويابىردا سالامەتلىكى سەۋەبىدىن ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G-20 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگىمۇ قاتنىشالمىغان ئىدى.
پىرېزىدېنت فېرناندېزنىڭ داۋالاش ئەترىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتقا ئاساسلانغاندا، 63 ياشلىق فېرناندېز تۆۋەن قان بېسىمh ۋە باش قېيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.